بازار ئانالىزچىلىرى ئۆسۈم قۇشۇلغاندىن كېيىن ئالتۇن باھاسى ئۆسىدۇ دەپ قارىدى

parida 2018-03-21 12:59:55

\

FX168مالىيە-ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: تارىخقا قارايدىغان بولساق، 2015-يىلى ئۆسۈم قوشۇلغاندىن بۇيان، ئالتۇن باھاسىنىڭ يۆنىلىشى مۇنداق بولدى: ئالتۇن باھاسى ئامېرىكا فېدېراتسىيە پۇل كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى قارارى ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇن دائىم دىگۈدەك تۆۋەنلىدى، ئەمما ئۆسۈم نىسبىتى قارارى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن دائىم دىگۈدەك ئۆرلىدى. بۈگۈن فېدېراتسىيە پۇل كومىتېتى يەنە ئۆسۈم قوشۇش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ، يېقىنقى مەزگىلدە ئالتۇن باھاسىدا تۆۋەنلەش ئەھۋالى كۆرۈلدى.
ئادەتتە يۇقىرى ئۆسۈم نىسبىتى ئالتۇنغا پايدىسىز دەپ قارىلىدۇ، چۈنكى ئۆسۈم نىسبىتى يۇقىرىلىسا، ئالتۇنغا ئوخشاش ئۆسۈمسىز مۈلۈكلەرنىڭ جەلىپ قىلىش كۈچى تۆۋەنلەيدۇ. ئۇنداقتا بازار ئانالىزچىلىرى نىمە ئۈچۈن ئۆسۈم قوشۇلغاندىن كېيىن ئالتۇن باھاسى ئۆرلەيدۇ دەپ قارايدۇ؟ قىسمەن تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئالتۇنغا مەبلەغ سالغۇچىلار ئۆسۈم نىسبىتى قارارى ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇن كېلىپ چىقىش ئېھتىماللىقى بولغان يامان ئاقىۋەتكە تەييارلىق كۆرۈپ قويىدىكەن، ئەمەلىيەتتە بۇخىل ئاقىۋەت بازارنىڭ مۆلچەرىدىكىدەك ئۇنچىۋالا ئېغىر بولمايدىكەن. ھەر قېتىم ئۆسۈم قوشۇلۇشتىن ئىلگىرى ئالتۇن زور دەرىجىدە تۆكمە قىلىپ سېتىلىدىكەن ھەمدە ئۆسۈم نىسبىتى يىغىنىدىن كېيىن ئۆرلەيدىكەن. تارىخقا ئاساسلانغاندا، 2015-يىلى 12-ئايدىن بۇيان، ئۆسۈم نىسبىتى قارارى ئېلان قىلىنىشتىن ئىلگىرى ھەمدە ئېلان قىلىنغان دەسلەپكى ۋاقىتتا، ئالتۇن باھاسى يەنىلا بېسىمغا ئۇچرىغان. يېقىنقى مەزگىلدە ئامېرىكا سودا قورۇقچىلىقى سىياسىتى ۋە مالىيە سىياسىتىنىڭ ئېنىقسىزلىقىمۇ ئالتۇن باھاسى ئۈچۈن پايدىلىق. ئەمەلىيەتتە يېقىنقى مەزگىلدە، ئامېرىكا فېدېراتسىيە پۇل كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم قوشۇشىدىن كېيىن ئالتۇن باھاسىنىڭ يۆنىلىشىگە قارىتا، نۇرغۇن ئورگانلارمۇ يۇقارقى تارىخىي كۆزقاراشنى ئوتتۇرغا قويغان.
داۋمىڭ ئاكسىيەسىنىڭ كۆپ مىقدارلىق تاۋار تاكتىكىچىسى Bart Melek دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان بىر پارچە دوكلاتىدا كۆرسىتىشىچە، قايتا ئۆسۈم قوشۇش ئېھتىماللىقى %100 گە يېقىنلاشقان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، نۆۋەتتە پايچەك بازىرىنىڭ كاساتلىشىشى، يېقىنقى مەزگىلدە ئېلان قىلىنغان ئانچە كۈچلۈك بولمىغان ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇماتلار ھەمدە سودا ئۇرۇشى توغرىسىدىكى ئەندىشىنىڭ كۈچىيىشىگە ئاساسلانغاندا، فېدېراتسىيە پۇل كومىتېتىنىڭ «قاتتىق قول» تەدبىر قوللىنىشىنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق ئىكەن. ئالتۇن باھاسى ئۆسۈم قوشۇشتىن ئىلگىرى تۆكمە قىلىپ سېتىلىشى، ئەمما ئۆسۈم نىسبىتى قارارى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن يەنە ئۆسۈشى مۇمكىن.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.