دۇنيا بويىچە 2-چوڭ ئالتۇن ئىستىمال دۆلىتىنىڭ ئېھتىياجى ئەسلىگە كەلدى

parida 2018-01-18 17:13:41

\

FX168مالىيە-ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: خەلقئارا نەق ئالتۇن باھاسى تۆۋەنلىگەنلىكى ھەمدە دۆلەتنىڭ ئىچكى ئېھتىياجى ئاشقانلىقى تۈپەيلىدىن، ھىندىستاننىڭ 2017-يىلىدىكى ئالتۇن ئىمپورت مىقدارى 2016-يىلىدىكى 550 توننىدىن %53 ئېشىپ 846 توننىغا يەتتى، بۇ دۇنيا بويىچە 2-چوڭ ئالتۇن ئىستىمال دۆلىتىنىڭ ئېھتىياجىنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
ھىندىستاندىكى ئەڭ چوڭ ئالتۇن پىششىقلاش سودىگىرى MMTC-PAMP India نىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، ھىندىستاننىڭ بۇلتۇرقى ئالتۇن ئىمپورت مىقدارى زور دەرىجىدە ئاشقان بولۇپ، پەقەت 12-ئايدىلا ئىمپورت مىقدارى 70 توننىغا يەتكەن، 2016-يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكى بىلەن سېلىشتۇرغاندا 49 توننا ئاشقان، ئېشىش نىسبىتى %42 بولغان.
MMTC-PAMP نىڭ لىدىرى Vipin Raina نىڭ بىلدۈرۈشىچە، پەسىللىك ئېھتىياج ۋە توي-مۇراسىم پەسلىدىكى ئېھتىياج كۈچلۈك بولغانلىقتىن، ئۇنىڭدىن باشقا خەلقئارا ئالتۇن باھاسى تۆۋەنلىگەنلىكتىن، بۇلتۇر ھىندىستاننىڭ ئالتۇن ئېھتىياجى زور دەرىجىدە ئاشقان.
پەيشەنبە كۈنى (1-ئاينىڭ 18-كۈنى) ئاسىيا بازىرىدا ئالتۇن باھاسى 1327 دوللار ئەتراپىدا بولۇپ، بۇيىل كىرىپ ھازىرغىچە تەخمىنەن %2 ئۆسكەن، ئۆتكەن بىر يىلدا ئالتۇن باھاسى جەمئىي %13 ئۆسكەن ئىدى.
كەسپىي مۇتەخەسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھىندىستان 2017-يىلى 7-ئايدا %3 لىك تاۋار ۋە مۇلازىمەت بېجى (GST)نى يولغان قويغان بولۇپ، بۇ ئالتۇن ئېھتىياجىغا بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتكەن.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.