بۇ ھەپتە ئالتۇن باھاسىدا داۋاملىق يۇقىرى ئۆرلەش بوشلۇقى شەكىللىنەمدۇ؟

zumrat 2018-01-15 18:20:10

\

دۈشەنبە (1-ئاينىڭ 15-كۈنى) ئاسىيا چۈشلۈك سودا بازىرىدا خەلقئارا ئالتۇن باھاسى يۇقىرى ئۆرلەپ 1343.6دوللارغا چىققان.

بۈگۈن FXTechstrategyنىڭ تەھلىلچىسى Mohammed Isahئالتۇن باھاسىنىڭ يۈزلىنىشى توغرىسىدا قىسقىچە مۆلچەرلەش ئېلىپ باردى, كونكرېت مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە :

بۇ ھەپتە ئالتۇن باھاسى داۋاملىق يۇقىرى ئۆرلەش بوشلۇقى شەكىللىنىدۇ، چۈشۈش يۆنىلىشى جەھەتتە خەلقئارا ئالتۇن باھاسى دەسلەپكى قەدەمدە 1330دوللاردىكى تىرەش كۈچىگە ئۇچرايدۇ، ئەگەر بۇ تىرەشنى بۇزۇپ تاشلىسا كېيىنكى دىققەت نۇقتا 1320دوللار ۋە 1310دوللاردىكى تىرەش نۇقتا، ناۋادا بۇ تىرەش نۇقتىسىدىنمۇ ساقلاپ قالالمىسا 1290دوللار ئەتراپىغىچە چۈشۈش بوشلۇقى شەكىللىنىدۇ.

ئۆسۈش ھالىتىدىن قارىغاندا،ئالتۇن باھاسىنىڭ دەسلەپكى بۆسۈش نۇقتىسى 1350دوللار بولۇپ، ئەگەر بۇ بۆسۈش نۇقتىسىدىن ئېشىپ كېتەلىسە 1360دوللاردىكى بۆسۈش كۈچىگە ئۇچرايدۇ، ئەگەر بۇنىڭدىنمۇ ئېشىپ كېتەلىسە 1370دوللار، 1380دوللاردىكى بۆسۈش كۈچىگە ئۇچرايدۇ.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.