خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ جىددىيلىشىشى ئالتۇن باھاسىغا چوڭ تەسىر كۆرسىتەلمىدى

parida 2017-09-22 12:16:57

\

FX168 مالىيە-ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: خەلقئارا نەق ئالتۇن باھاسى جۈمە كۈنى (9-ئاينىڭ 22-كۈنى) ئاسىيا بازىرىدا دەسلەپكى بازاردا ئاز نىسبەتتە يۇقىرىلاپ 1294 دوللارغا چىقتى. ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ بىلەن چاۋشيەن زۇڭتۇڭى كىم جۇڭئىن ئوتتۇرسىدىكى «بايانات ئۇرۇشى» يەنە كەسكىنلەشكەچكە ھەمدە چاۋشيەن تىنچ ئوكياندا ۋودورود بومبىسى سىنىقى قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاچقا، خەلقئارالىق ۋەزىيەت يەنە جىددىيلەشتى. ئەمما ئالتۇن باھاسى يەنىلا ئالدىنقى كۈنلەردىكى تۆۋەنلەش بېسىمىدىن قۇتۇلالمىدى، ئالتۇن باھاسى 1300 دوللاردىن ئاشالمىدى. چارشەنبە كۈنى (9-ئاينىڭ 20-كۈنى) ئامېرىكا فېدېراتسىيە كومىتېتى يىل ئىچىدە يەنە بىر قېتىم ئۆسۈم قوشىدىغانلىقىنى ھەمدە 10-ئايدىن باشلاپ جەدۋەل قىسقارتىشنى باشلايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاچقا، بۇ كەسكىن قارار ئامېرىكا دوللىرىنىڭ ئۆسۈشىگە پايدىلىق بولدى، ئالتۇن باھاسى پەيشەنبە كۈنى (9-ئاينىڭ 21-كۈنى) بىردىنلا بىر ئايدىن بۇيانقى تۆۋەن باھا 1287 دوللارغا چۈشتى.
ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ پەيشەنبە كۈنى يېڭى جازالاش تەدبىرىنى قوللىنىدىغانلىقى توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، چاۋشيەن بىلەن سودا ئالاقىسى بار كوللېكتىپ ۋە شەخسلەرنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزدى. چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جۇڭئېن جۈمە كۈنى ئىپادە بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ «بىمەنە گەپ-سۆزلىرى» ئۈچۈن جەزمەن بەدەل تۆلىشى كېرەك، چاۋشيەن چوقۇم تارىختىن بۇيانقى ئەڭ قاتتىق تەدبىرنى قوللىنىدۇ. ئارقىدىن چاۋشيەن بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: چاۋشىيەن ئامېرىكىغا قارىتا تىنچ ئوكيان رايونىدا تارىختىن بۇيان ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان ۋودورود سىنىقى قىلىشى مۇمكىن.
چاۋشيەننىڭ خەلقئارا بېسىم ئالدىدا قەتئىي چېكىنمەسلىكى چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ جىددىيلەشتۈرۈۋەتتى. تىرامپ بىلەن چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جۇڭئېن ئوتتۇرسىدىكى «بايانات ئۇرۇشى» يەنىمۇ كەسكىنلەشتى. تىرامپ سەيشەنبە كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىدا كىم جۇڭئېننى «ئۆزىنى ھالاك قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان راكىتاچى» دېدى، كىم جۇڭئېن بولسا تىرامپنى «ئالجىغان، ئەقلىدىن ئاداشقان» دېدى.
خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ جىددىيلەشىشى ئالتۇن-كۈمۈش باھاسىغا مەلۇم دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتتى، نەق ئالتۇننىڭ قىسقا سىزىقى ئاز نىسبەتتە ئۆرلەپ 1294 دوللارغا چىقتى، نەق كۈمۈش باھاسى 17 دوللاردىن ئاشتى، ئەمما ئالتۇن باھاسى يەنىلا 1300 دوللاردىن ئاشالمىدى.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.