يىغىن خاتىرىسى ئالتۇن باھاسىنىڭ قايتا 1280 دوللاردىكى باھاغا چىقىشىغا تۈرتكە بولدى

mukaram 2017-08-17 19:13:11
چارشەنبە ( 8-ئاينىڭ 16-كۈنى) ئامېرىكا فېدېراتسىيىسىنىڭ 7-ئايلىق يىغىن خاتىرىسى ئىلان قىلىنغاندىن كىيىن ئالتۇن باھاسى ئۆرلەپ ئامېرىكا بازىرىدا ئەڭ يۇقىرى 1283.90 دوللارغا چىقىپ 1280 نىڭ يۇقىرىدىكى باھالاردا تەۋرىنىش بولدى. دوللار كۆرسەتكۈچى تۆۋەنلەپ 94دىكى ئۆتكەلدىن چۈشتى . ئامېرىكا فېدېراتسىيە كومىتېتىنىڭ يىغىن خاتىرىسىنىڭ كۆرسىتىشىچە بۇ قىتىمقى سانلىق مەلۇمات نەتىجىسى مۆلچەر قىممەتكە يەتمىگەن ، ئامېرىكا فېدېراتسىيە كومىتېتىنىڭ ئەمەلدارى 2017 يىلى پۇل پاخاللىقى تۆۋەنلىدى دەپ قارىغان . ئامېرىكا فېدېراتسىيە كومىتېتىنىڭ كۆپ قىسىم ئەمەلدارلىرى پۇل پاخاللىقى نىسبىتىنىڭ % 2 دىن تۆۋەن بولۇش ۋاقتى ئۇزۇنغىچە داۋاملىشىدۇ دەپ مۆلچەرلىدى . بىلەت تاشلاش ھوقوقى بار ئەمەلدارلار پۇل پاخاللىقىنىڭ ئاستىلىشىدىن ئەنسىرەۋاتىدۇ ھەمدە مال باھاسىنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلىۋاتىدۇ . ئەمەلدارلار پۇل پاخاللىقى نىسبىتىنىڭ ئۇزۇنغىچە تۆۋەن بولۇشىنى ئۆزلىرى خالىمايدىغان بىر خىل ئەھۋال دەپ قارىدى ئەمما ئامېرىكا فېدېراتسىيە كومىتېتىنىڭ ئەمەلدارلىرىنىڭ قارىشىچە يەنىلا يېقىنقى مەزگىلدىكى پۇل پاخاللىقى كاساتلىشىشى پەقەت ۋاقىتلىق ئىكەن . كۆپ ساندىكى ئامېرىكا فېدېراتسىيە كومىتېتىنىڭ ئەمەلدارلىرى پۇل پاخاللىقى كەلگۈسى نەچچە يىل ئىچىدە ئۆرلەش ھالىتىدە بولىدۇ دەپ قارىدى .

\


بۇندىن باشقا ئامېرىكا فېدېراتسىيىسىنىڭ ئىچكى قىسمىدا پۇل پاخاللىقى مۆلچەرىنىڭ ياخشى چىقىش چىقماسلىقىنى بېكىتىش جەھەتتە ئىختىلاپ پەيدا بولدى . كۆپ ساندىكى ئامېرىكا فېدېراتسىيە ئەمەلدارلىرى يەنىلا ئەمگەك كۈچى بازىرىنى قىسقارتىش مال باھاسىنى يۇقىرىلىتىدۇ دەپ قارايدىكەن . بىر قىسم ئەمەلدارلار پۇل پاخاللىقى نىسبىتى فېدېراتسىيەا كومىتىتى بىكىتكەن %2 لىك نىشانغا يەتكەن ۋاقىتتا ئاندىن ئۆسۈم ئۆستۈرۈش كىرەك دەپ قارىدى . كۆپ ساندىكى فېدېراتسىيە كومىتېتى ئەمەلدارلىرى كېيىنكى يىغىندا جەدۋەل قىسقارتىشنى قوللايدىكەن ، بىر قىسىم ئەمەلدارلار ئۆسۈم قوشۇششنى كىچىكتۈرۈشتىن ئىھتىيان قىلىدىكىن ھەمدە بۇ ئىقتىساد زىيادە قىزىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن دەپ قارايدىكەن .

يىغىن خاتىرىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ئامېرىكا فېدېراتسىيىسىنىڭ 9-ئايلىق ئۆسۈم قوشىدىغان 25 ئاساسى نوقتىنىڭ قىممىتى %1.25 - %1.5 ئارلىقىدا چىقىپ تۆۋەنلەش ئېھتىماللىقى % 0 ، نەتىجە ئىلان قىلىنىشتىن بۇرۇن %1.4 بولغان .
چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ 7 - ئايلىق يىغىن خاتىرىسى ئالتۇن باھاسى ئۈچۈن بىر قەدەر پايدىلىق بولغان ، ئالتۇن باھاسى قايتا 1280 دىكى باھاغا قايتىپ ئالتۇن باھاسىنىڭ داۋاملىق ئۆرلىشىدىن دېرەك بەردى ،ئالتۇن باھاسى قىسقا مەزگلىلدە 1300 دىكى باھالارنى بۆسۈپ ئۆتىدۇ .

\


ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.