ئالتۇن باھاسى قايتا ئۆرلەشكە باشلىدى

parida 2017-08-17 12:30:36

\

FX168 مالىيە-ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: خەلقئارا نەق ئالتۇن باھاسى پەيشەنبە كۈنى (8-ئاينىڭ 17-كۈنى) ئاسىيا بازىرىدا زور دەرىجىدە ئۆرلىدى، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 1289 دوللارغا چىقتى، ئىككى ھەپتىدىن بۇيانقى يۇقىرى سەۋىيىگە چىقتى. چارشەنبە كۈنى (8-ئاينىڭ 16-كۈنى) ئېلان قىلىنغان ئامېرىكا فېدېراتسىيە كومىتېتىنىڭ 7-ئايلىق يىغىن خاتىرىسىنىڭ مەزمونى «مۆتىدىل» بولغاچقا، كومىتېتىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى يەنە بىر قېتىم ئۆسۈم ئۆستۈرۈشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلدى، بۇ ئامېرىكا دوللىرىغا زەربە بولۇپ دوللار كۆرسەتكۈچى تۆۋەنلىدى، ئالتۇن باھاسى بىر ھەپتىدىن بۇيانقى تۆۋەن باھادىن %1 ئۆرلىدى، سودا داۋامىدا ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 1284 دوللارغا چىقتى.

ئامېرىكا فېدېراتسىيە كومىتېتى چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان سىياسەت يىغىنى خاتىرىسىدە مەلۇم بولۇشىچە، ئۆتكەن بەش يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە پۇل پاخاللىقى ئىزچىل ھالدا فېدېراتسىيە كومىتېتىنىڭ %2 لىك نىشانىدىن تۆۋەن بولغان، يېقىندا ئېلان قىلىنغان سانلىق مەلۇمات مۆلچەردىكىدىن تۆۋەن بولغاچقا، ئامېرىكا فېدېراتسىيە كومىتېتى 2017-يىللىق پۇل پاخاللىقى مۆلچەرىنى تۆۋەنلەتتى. يەنە بىر قىسىم كومىتېت ئەزالىرى بۇ خىل ئەھۋالنىڭ ۋاقىتلىق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان ھالەت شەكىللەنمىگۈچە ئۆسۈم ئۆستۈرۈشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلدى.

يىغىن خاتىرىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، چارشەنبە كۈنى نيۇيورك ۋاقتىدا دوللار بىلەن باشقا ئاساسلىق پۇللارنىڭ پېرېۋوت نىسبىتى تۆۋەنلىدى، ئەڭ تۆۋەن نۇقتا 93.47 نۇقتىغا چۈشتى.


ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.